خىتاي كامبودژاغا بەرگەن ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ 20 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلدى

20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى خىتاي بىلەن بىلەن كامبودژا ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژاغا 14 تۆرلۈك قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە جەمئىي 1 مىليارد دوللار قەرز ۋە ياردەم پۇلى بەرمەكچى بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئىقتىسادىي ياردەم ۋەدىسىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن.

خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، كامبودژا خىتاي ھۆكۈمىتىگە 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ كامبودژاغا ياردىمىنىڭ مەزكۇر قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى سۆزىدە، خىتايغا قايتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەم خىتاي چېگرىسىدىن قانۇنسىز چىققانلىقىنى، ھەم كامبودژاغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ كامبودژا كۆچمەنلەر قانۇنى بويىچە خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، رويتۇرۇس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۈزىدە، "كامبودژانىڭ بۇ قارارى شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ بېسىمى ۋە بىر مىليارد دوللارغا ئېرىشىش ئىشتىھاسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان،" دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت