خىتاي كامبودژاغا 14 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدۇ

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كامبودژانى 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ خەۋەرنى كامبودجا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەم مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خونانخوڭ خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كامبودجا باش مىنىستىرى خۇڭسىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، خۇجىنتاۋ ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كامبودجانى 256 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل، 50 مىڭ قۇر ھەربىي كىيىم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇ جىنتاۋ بىلەن خۇڭسىن 1 - مايدا كۆرۈشكەن ئىكەن.

بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك كامبودجا ئەمەلدارى خىتاينىڭ مەزكۇر ياردەملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كامبودجاغا بەرمەكچى بولغان ياردەملىرىنى توختىتىۋېتىشىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۆتكەن يىلى، 12 - ئايدا كامبودجا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، شۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودجانى زىيارەت قىلىپ، كامبودجا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودجانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى كامبودجاغا بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىنى جۈملىدىن بىكارلىق بەرمەكچى بولغان 200 ھەربىي ئاپتوموبىلنى توختىتىۋەتكەن. بۇ كامبودجا دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت