بايىنغولىندا موڭغۇللار بىلەن خىتاي كانچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بىر گۇرۇپپا چارۋىچىلار بىلەن ئۇ يەردە كان ئېچىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئۆتكەن ھەپتە توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋەقەگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايىنغولىندا كان ئېچىش جەريانىدا ئوتلاقلارنىڭ بۇزۇلۇشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى سەۋەب بولغان. ھايات يولى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەر خىتاي كانچىلارغا زىياننى مەلۇم قىلغاندا ئۇلارنىڭ قوپال ۋە پەرۋاسىز مۇئامىلىلىرىگە دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيىلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كانچىلار ئۈرۈمچىدىن قارا گۇرۇھلارنى ياللاپ ئەكېلىپ، شۇ جايدىكى موڭغۇل چارۋىچىلارغا تەھدىت سالغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى نەپەر موڭغۇل چارۋىچى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بايىنغولىندىكى خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەقەنىڭ جەمئىيەتكە كەڭ بىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. ئەمما جەنۇبىي موڭغۇلىيىلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ قولىدا مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ جەريانى، شۇنداقلا، بۇزۇلغان ئوتلاق ۋە بۇلغانغان سۇلار ھەققىدە سۈرەت ۋە سىن خاتىرىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار مەسىلىنى قانۇنىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر ئادۋوكات ئىزدىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت