خىتاي لەي چاڭشىڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئەگىشىپ كانادانى زىيارەت قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنى ئوتتاۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كانادادىن شيامېن يۈەنخۇا ئەتكەسچىلىك ۋەقەسىنىڭ باش جاۋابكارى لەي چاڭشىڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ما جاۋشۇي يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، كانادانىڭ مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "جۇڭگو تەرەپ بەزى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر قانۇنىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، سىياسىي پاناھلىقنى باھانە قىلىپ، كۆچمەنلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە ئىزچىل قارشى تۇرىدۇ" دېگەن.

كانادا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئۆكتىچى خىتايلار سىياسى پانالىق تىلەيدىغان غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. لېكىن خىتايدا تۈرمىگە سولانغان كانادا پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، كاناداغا قېچىپ بارغان لەي چاڭشىڭ دېلوسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي-كانادا ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلە بولۇپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن لەي چاڭشىڭنى تەلەپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلماقتا ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خۇ جىڭتاۋنىڭ كانادادىكى زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى ۋە كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ "جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى" ئىمزالانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت