خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى كىملىك كىنىشكىسىغا بارماق ئىزىنى قوشۇشنى قانۇن قىلىپ بېكىتتى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، كىملىك كىنىشكىسىغا بارماق ئىزىنى قوشۇشنى قانۇن قىلىپ بېكىتتى. خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىگە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەستىق سالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇننى يولغا قويۇشتىن مەقسەت كىملىك ئىگىسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە جىنايى ئىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

كىملىك كىنىشكىسىغا بارماق ئىزى بىلەن يەنە قاندا ئۇچۇرلارنىڭ كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىدىغان كىملىك كىنىشكىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يەكلەش ۋە كەمسىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ۋە كىملىكىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلىكى يېزىلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مېھمان خانىلاردا يېتىش قاتارلىق ئىشلاردا توسالغۇلارغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى خۇاڭشۋاچۇەن بۇ قانۇننىڭ خىتاي  ساقچىلىرىنى خالىغان كىشىلەرنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت