خىتاي ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان ھەرىكىتىنى قوللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون كەرىي پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان ھەرىكەت پىلانىنى قوللىغانلىقىنى ھەم شىمالىي كورىيىنى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان خاتالىقىغا مەسئۇل بولۇشقا دەۋەت قىلىش قارارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جون كەرىي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت بۆلۇمىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىدى.

خىتاي شىمالىي كورىيىگە قاراتقان تاشقى سىياسىتىدە سوغۇق قان بولۇش تەدبىرىنى تۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئەگەر شىمالىي كورىيىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇپ كەتسە، نەچچە يۈز مىڭلىغان شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بولغان 5 دۆلەت ھەم ياپونىيە،كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شىمالىي كورىيىگە قارىتا ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت