خىتاي لىۋىيىدە كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بىر ئەلچىسىنىڭ لىۋىيىدە كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-06-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىلگىرى خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كازافىيغا ئېمبارگو قويۇش قارارىغا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن شۇنداقلا يەنە كازافىينى تەنقىد قىلىشتىن ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۇنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدىكى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ سىگنالى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

خەۋەرلەردە خىتاينىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جىلياڭنىڭ قاتار پايتەختى دوخادا لىۋىيە مىللىي كېڭىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىپ، جاڭ جىلياڭنىڭ لىۋىيە مىللىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇجېلىل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. دېمەك بۇ خىتاينىڭ لىۋىيە ئۆكتىچى گۇرۇھى بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا دائىر ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان تۇنجى ۋەقە.

خىتاي ئىلگىرى يەنە، ش ئا ئو ئە ت نىڭ كازافىي ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، ئۆكتىچىلەرگە ھەمدەمدە بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كازافىينى تەختتىن چۈشۈرۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشنى رەت قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا «جۇڭگونىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئېنىق. بىز لىۋىيە كرىزىسىنىڭ سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا يەنە، لىۋىيىنىڭ كېلەچىكىنى لىۋىيە خەلقى بەلگىلىشى كېرەك، دېگەن قارىشىمىزدا تۇرىمىز» دېگەن. لېكىن خىتاينىڭ لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن نېمە ئۈچۈن ئەمدى كۆرۈشۈشكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

تولۇق بەت