خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى: " دۆلەتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىشەنچسىز "

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاي كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مۇھبىرىمىز جۈمە
2010-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، لى كېچياڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى 2007- يىلى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كلارك راندتقا ئېيتقان ئىكەن.

ھۆججەتتە كۆرسىتىشىچە، لى ئەينى ۋاقىتتا راندت بىلەن بىرگە غىزالانغاچ، لياۋنىڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى پەقەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سەرپىياتى، تۆمۈريولدا يۈك توشۇش مىقدارى ۋە بانكىنىڭ قەرز بېرىش ھالىتىگە قاراپ باھالاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەقىل قىلىنىشىچە، ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: " پەقەت مۇشۇ ئۈچ خىل سانلىق مەلۇماتقا قاراپلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى مۇئەييەن دەرىجىدە توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ. باشقا سان-سىپىر، بولۇپمۇ، دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلار پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا تەييارلىنىدۇ" دېگەن.

رويتېرستا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىقتىسادشۇناس: " خىتاينىڭ دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، بولۇپمۇ يەرلىكلەر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئەزەلدىن ئىشەنچسىز." دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى دۆلىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ھەر يىلى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت