دۇڭگۈەندىكى نامايىشچى ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تىركىشىش يۈز بەرگەن

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدە ساقچىلار جۈمە كۈنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلماقچى بولغان مەزكۇر شەھەردىكى بىر چامادان زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈز ئىشچىسىنى زاۋۇت قورۇسىغا سولىۋالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇڭگۈەن شەھىرىدىكى جيەنرۇڭ چامادان زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئىشچى قىسقارتىش، ناچار خىزمەت شارائىتى ۋە مائاش قىسقارتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆپىيىشكە باشلىغان نامايىشلارنىڭ ئەڭ يېڭىسىدۇر.

زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى 30 دىن ئارتۇق ساقچى زاۋۇتنىڭ ئالدىنى قامال قىلىۋالغان. چامادان زاۋۇتىدىكى نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئىشچىلار رەھبەرلىرىدىن جاڭ گوخۇا ئىسىملىك بىرىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدا ساقچىلارنىڭ 300 دەك ئىشچىنى زاۋۇت قورۇسى ۋە ئىشچىلار ياتاقخانا بىناسىنىڭ ئەتراپىغا سولىۋېلىپ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشىدىن توسىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، زاۋۇتتىن ئايرىلماقچى بولغان بەزى ئىشچىلار تاياق يېگەن، بىر ئايال ئىشچىنىڭ باش قىسىمى تاياقتىن يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

جاڭ فامىلىلىك يۇقىرىقى ئىشچىلار ئاكتىپى، ۋەقەنىڭ 15 ‏ - نويابىردا باشلانغانلىقىنى، كارخانا رەھبەرلىرى ئىشچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئىشچىلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى دۇڭگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ياردەم سوراپ بارغانلىقى، لېكىن ياردەم سوراپ بارغان ئىشچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىشچىلار پەيشەنبە كۈنى كېچىچە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا دائىرىلەرنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ياتقان بولۇپ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ساقچىلار ئىشچىلارنى زاۋۇت قورۇسىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كەلگەن.

"جۇڭگو گېزىتى"نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خوڭكوڭ بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلىرىدا 7000 دىن ئارتۇق كارخانا تاقالغان ياكى باشقا جايغا يۆتكەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت