خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نوبىل نامزاتلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، چىڭ گاڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەسلى دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلارغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپ ھالدا بۇ مۇكاپاتقا مۇۋاپىق بولمىغان كىشىلەر ئېرىشمەكتە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەسلى لايىق كىشىلەرگە بېرىلىشى كېرەك" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ھەمدە كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قايتا نامزات كۆرسىتىلگەندىن باشقا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيامۇ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

دۇنيا مەتبۇئاتىدا خۇجيانىڭ بۇ يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە،خۇجيا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 1 - ئاپرىلدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ،ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە قامالماقتا.

تىبەت روھانىي ۋە دىنىي داھىسى دالاي لاماغىمۇ 1989 - يىلى خىتاينىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىدى.
بۇ يىل خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى يەنىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت