خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودىسىنى كۈچەيتمەكتە

«خىتاي كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2011 - يىللىق تاشقى سودىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان بولۇپ، تاشقى سودا مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 33% ئاشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدا خىتاي تەرەپ 16 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئېكسپورت، 6 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىمپورت قىلغان.

قازاقىستان نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا سوممىسىنىڭ 20 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما، پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستاننىڭ سودىسىلا 2011 - يىلى 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدا قازاقىستان بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان خىتايغا ئاساسلىقى يەر ئاستى بايلىقلىرى، بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. قازاقىستان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاساسلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدىغان مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، قازاق نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستان ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينى قازاقىستاننى ئۆز ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت