خىتايدا يەنە باشلانغۇچ مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پىچاقلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

بىر كىشى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېىفاڭ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 5 بالىنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ۋەقەنىڭ شاڭجۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋەقە سادىر قىلغۇچى 45 ياشلاردىكى ۋاڭ يۇڭلەي ئىسىملىك بىر دېھقان بولۇپ، ئۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ كۆيدۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. بۇ خىتايدا 3‏ -ئاينىڭ 23‏ - كۈنىدىن بېرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ياكى زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسىنىڭ 5 ‏ - قېتىم يۈز بېرىشىدۇر.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى تەيشىڭ شەھىرىدە 46 ياشلاردىكى بىر باسمىخانا ئىگىسى شۇ جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە بېسىپ كىرىپ، 29 ئوقۇغۇچى، ئىككى ئوقۇتقۇچى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىنى پىچاقلاپ زەخىملەندۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏ - مايدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسىنى باھانە قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە يۈز بەردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەكتەپ قورۇسىنى ھۇجۇمدىن قانداق قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت