خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى قولغا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتاي پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شې يالوڭ قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا جىنايەت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پۇتبول ساھەسىدە ئېغىر چىرىكلىك مەۋجۇت بولۇپ، بۇ، خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلار ۋە رېپېرلارنى قولغا ئېلىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق چىرىكلىك جىنايەت تورلىرىنى پاش قىلىشنى پىلان قىلغان.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت