خىتاي بۈگۈن قازاقىستان بىلەن يادرو ئېنىرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي بۈگۈن قازاقىستان بىلەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قازاقستاننىڭ يادرو ئېنىرگېيە شىركىتى بولغان قاز - ئاتوم - پروم، يادرو ئېنىرگىيىسىگە مۇھتاج بولۇۋاتقان قوشنىسى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ يادرو ئېنىرگىيە گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە چوڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن كېلىشىم ئىمزالىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇران سەپلىمىلىرى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ جېنشىڭنىڭ ئالماتادا بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2006‏ - يىلى يادرو ئېنىرگىيىسى بۇيىچە ھەمكارلىق باشلانغان بولۇپ، شۇ كېلىشىم بۇيىچە، قازاقىستان 2008‏ - يىلىدىن 2020‏ - يىلىغىچە خىتايغا 24 مىڭ توننا ئۇران سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن. ئەمدى خىتاي يادرو يېقىلغۇلىرىنى قازاقىستاندىن بىۋاستە يۆتكەشكە باشلايدىكەن.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، خىتاي ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەدەپ ئۆزىنىڭ ئاتوم قۇۋىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشماقتا.

قاز - ئاتوم - پروم نىڭ بايان قىلىشىچە، قازاقىستان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇران زاپىسىنىڭ 20% گە ئىگە. قازاقىستان ئۆتكەن يىلى 8500 توننا ئۇران تاۋلىغان. بۇ يىل 11 مىڭ توننا تاۋلىماقچى. قازاقىستان يادرو مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش جەھەتتە 2010 ‏ - يىلى ئاۋسترالىيە ۋە كانادادىن ئېشىپ كېتىدۇ. 


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت