جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسمى قوماندانلىق شتابى چاغان ھارپىسىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ھەربىي ئىشلار تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مانېۋىر "شەرقى تۈركىستانچىلارغا قارشى ئەمەلىي جەڭ قىلىش مانېۋىرى" دەپ ئاتالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گەرچە خەۋەردە مانېۋىرنىڭ كونكرېتنى ئورنى ۋە قاتناشقان ئادەم سانى ئېنىق ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما مانېۋىرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسمى قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن مانېۋىرنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەزكۇر شىتابقا قاراشلىق قوراللىق قىسىملىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ "پارتلىتىش، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا" ھەربىيلەرنىڭ "مۇرەككەپ مۇھىت شارائىتىدا قاراتمىلىق جەڭ قىلىش" ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش" نامىدا، دىن ۋە دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرىقى مانېۋىر شۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت