خىتاي 'يەرلىك مىللەت رايونلىرى'غا سالغان مەبلەغ سانىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى چاڭخوڭ، خىتاي بەش ئاپتونوم رايوندا ئۆزىنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن 'يەرلىك مىللەت رايونلىرى' غا سالغان مەبلەغ 10 يىلدا 6 ھەسسە ئاشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'يەرلىك مىللەت رايونلىرى' دېگەن تىبەت ئاپتونوم رايونى، نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى ۋە يۈننەن، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك مىللەت بار رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ئىزاھات بەردى.

لى چاڭخوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 'يەرلىك مىللەت رايونلىرى' غا سالغان مەبلىغى 1999‏ - يىلىدىكى 27 مىليارد 800 يۈز مىليون يۈەندىن، 2008‏ - يىلىغا كەلگەندە 1 تېرلىيون 800 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلگەن. بۇ مەبلەغنىڭ كۆپىنچىسىنى تۆمۈر يول، تاشيول ۋە تەبىئى گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سەرپ قىلغان.

تۆمۈر يوللار 20 مىڭ كىلومېتىر ئۇزارتىلىپ، بۇ 'يەرلىك مىللەت رايونلىرى' دىكى تۆمۈر يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 850 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەبلەغ بىلەن مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە، خىتايدا ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتى 4 مىڭ 293 يۈەندىن 16 مىڭ 57 يۈەنگە يەتكەن. خىتاي يېزىلىرىدا 25 مىليون نامرات ئازايغان.

بۇ مەبلەغ بىلەن ئىچكى موڭغولىيىدە قوي گۆشى، سۈت، يوڭ ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان، گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىدا شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان سانائەتلەر تەرەققى قىلدۇرۇلغان.

تولۇق بەت