ئەنگلىيىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ 50 خىتاي ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋەتتى

ئەنگلىيىدىكى نيۇ كەسسول ئۇنىۋېرسىتېتى ساختا تەرجىمىھال يوللاپ ئوقۇشقا كىرگەن 50 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى يېقىندا مەكتەپتىن چىقىرىۋەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 9 ‏ - ئايدا دۇنيادىكى مەشھۇر مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن قايتا ئىمتىھان ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە تىل سەۋىيىسى تۆۋەن ئىكەنلىكى بايقالغان.

ئېنىقلىنىشىچە، ئوقۇش تەرجىمىھالىدا ئېنگلىزچە سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى دەپ يوللانغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇۋاھنامىلىرى ساختا گۇۋاھنامە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەكتەپ ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، دوكتورلۇق پروگراممىسىغا كىرىپ بولغان 33 ئوقۇغۇچىنىڭ ۋە تولۇق ئالىي مەكتەپ پروگراممىسىغا كىرىپ بولغان 17 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇۋانامىلىرى كوپىيە قىلىنغان گۇۋاھنامە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسى بىرلا راس گۇۋاھنامىدىن كۆپەيتىلىپ، پەقەت ئۇنىڭدىكى ئىسىملا ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.

ئەنگلىيىدىكى بۇ ئالىي مەكتەپ مۇشۇ مەۋسۈمدە، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى تۈپەيلىدىن 500 مىڭ فوند ستېرلىڭ زىيان تارتقان. دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭدىن ساۋاق ئالماقتا.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت