خىتاي ئەمدى ئۆزىنىڭ 'شىنجاڭى'نى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن جەنۇبنى تەرەققى قىلدۇرماقچى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مەجمۇئە گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا قاراتقان خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلىتىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، 'شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم نوختىسى جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇش' دەپ جاكارلاشنى پىلانلىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، 'شىنجاڭنى تەكشۈرۈش' دېگەن نام بىلەن ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىلار ھازىر، تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلغان پۈتۈن ئۇچۇرلارنى توپلاپ، تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئەۋەتكەن بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى 'شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق'نى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى ئەمەس، بەلكى ' شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلۇشىدا پەرق چوڭ بولغانلىقى' كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 'شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ' دېگەن نام بىلەن سەرپ قىلىدىغان بىخەتەرلىك خىراجىتىنى 2 مىليارد 890 مىليون يۈەن (ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا 423 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) گە يەتكۈزمەكچى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت