ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات سىستېمىسىدىكىلەر 'جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى' بويىچە تەربىيىلىنىشكە باشلىغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاخبارات سىستېمىسىدىكىلەرنى "جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى" بويىچە تەربىيىلەشكە باشلىغان. كۇرس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ "تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ئاخبارات قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا خەۋەر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش" مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، تەربىيىلەش كۇرسى 19 - ئاۋغۇستتىن 25 - ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان. كۇرسنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسى - قانۇن كومىتېتى بىلەن تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

كۇرستا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتى مۇدىرى فۇ چياڭ "ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قاتنىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى تەشۋىقات ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش" كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كۇرستا يەنە "ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سىياسىي - قانۇن، ئۇنىۋېرسال تۈزەش تارماقلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش" كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بېرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش نامىدا "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئاخبارات سىستېمىسىدىكىلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت