چېگرىسىز مۇخبىرلار دۇنيا سەھىيە ئورگىنىغا خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنى يوشۇرغانلىقى توغرىسىدا خەت يازدى

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭلۇق باش مۇدىرى مارگارېت چېن غا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئاشكارە تەنقىد قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دەيدۇ": خىتاي زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى سەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا شۇ نەرسە ئايان بولدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى چەكلەش سىستېمىسى خىتايدا ۋە سۈت پاراشۇكى ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەردە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىش رولىنى ئوينىدى."

ئوچۇق خەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىكى پوزىتسىيىسى تەنقىدلەنگەن شۇنداقلا مەزكۇر ئورگاننىڭ "ئاياللار بوۋاقلىرىنى سۈت پاراشۇكىدا ئەمەس ئانا سۈتىدە بېقىشى لازىم"، دېگەن باياناتى " بۇ تراگېدىيىلىك ئەھۋالغا قايتۇرۇلغان يېتەرلىك ئىنكاس ئەمەس،" دەپ قارالغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى تەنقىدلەنگەن، خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن جايلارغا يوللىغان 21 تۈرلۈك خەۋەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ بىر ماددىسى يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنداق دەيدۇ" : بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سارس كرىزىسىدىن تەجرىبە ساۋاق ئالدى، دەپ ئويلىغان ئىدۇق.... بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان نەرسە بېيجىڭدىكى يۇقىرى قاتلام دائىرىلەرنىڭ ئاممىۋى سالامەتلىككە دائىر ئۇچۇرلارنى داۋاملىق چەكلەۋاتقانلىقىدۇر. بىز سىلەرنى خىتاي پۇقرالىرى ۋە خوشنا ئەللەر خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق، بۇ خەتەرلىك باستۇرۇش قىلمىشىغا ئاشكارە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز."

خىتاي زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە 60 مىڭغا يېقىن بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 4 بوۋاقنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلمەكتە.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت