ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-04-21
خىتاي دائىرىلىرى بۇلارنىڭ 20 ياشلىق بىرىگە ئۆلۈم جازاسى، 21 ياشلىق بىرىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى، 23 ياشلىق يەنە بىرىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ياش تىبەت قىز بۇلتۇر لاسادا يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى جەريانىدا ئىككى قېتىملىق ئوت قويۇشقا قاتناشقانلار بولۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن ئوت قويۇلغان خىتايلارنىڭ ئىككى كىيىم - كېچەك دۇكىنىدا، ئالتە خىتاي ئۆلگەن.
لاسا شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى بۇنىڭ ئالدىدا يەنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، بۇلتۇرقى لاسا توپىلىڭىدا ئوت قويۇش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ بەش كىشىگە ئېغىر جازا بەرگەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، بىرىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئېلان قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇرقى 14 - مارت لاسا ۋەقەسىدە 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىنكى خىتاينىڭ باسترۇرۇشلىرىدا 200 دىن ئارتۇق تىبەتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر لاسا ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ 76 كىشى ئۈستىدىن ئېغىر قانۇنىي جازا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.