خىتاي ئاخباراتلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر تىبەتلىكنى تاسادىپىي ئېتىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ئاخباراتلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا بىر تىبەتلىكنى تاسادىپىي ئېتىپ قويغانلىقىنى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇن ئېتىلغان ياۋا ئوقتا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 - ئاۋغۇست سىچۈئەننىڭ گەنزى تىبەت ئاپتونوم ۋىلايىتى پاليۇل (بەييۈ) ناھىيىسىدە، يەرلىك تىبەتلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە كان ئېچىش پىلانىغا قارشى نامايىش قىلغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامايىشلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرغان ۋە باستۇرۇش جەريانىدا 4 تىبەتلىكنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 30 نەپىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، باستۇرۇش جەريانىدا پەقەت بىر تىبەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، نامايىشقا 30 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، پاليۇل ناھىيىسى ھۆكۈمەت باياناتچىسى نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە 17 ساقچىنى ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" نامايىشىنى باستۇرۇش جەريانىدىمۇ نامايىشچىلارغا رەسمىي ئوق چىقارغان. بۇ نۇقتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى يېقىندا تەييارلىغان "دەردىمنى ئاڭلايدىغان كىشى بارمۇ، 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن سادالار" ناملىق دوكلاتتىمۇ روشەن يورۇتۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت