دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مەركىزى نيويوركقا جايلاشقان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۈگۈن، خىتايدا نۆۋەتتە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئاخبارات چەكلىمىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىققا قىلغان سۆزىدە، خىتايدا ھېلىھەم مۇخبىرلار قارا تىزىملىكى تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندا ئىككى نەپەر تىبەت ژورنالىستنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇشبۇ ۋەزىيەتكە پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات چەكلىمىسى نىسبەتەن بوشىتىلغان، ئولىمپىكتىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى تەكرار كۈچەيتىلگەن. خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دوڭدوڭ، دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار قارا تىزىملىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تىزىملىكنىڭ يالغان خەۋەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتايدا نۆۋەتتە " ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق " دەپ بىر تۈزۈم بارلىقىنى، قانداق سۆزلەرنىڭ ئۆسەك سۆز سانىلىدىغانلىقى ياكى قانۇنسىز گەپ تارقىتىش ھېساپلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۆلچەم يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شايار ناھىيىسىدىمۇ يېقىندا بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، 28 - يانۋار شايار ماجىراسىنى ئىنتېرنېتكە يازغىنى ئۈچۈن، ئۆسەك سوز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، جۈملىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىمۇ پەرقلىق بولماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى بۇ جەھەتتىكى پەرق ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت