خىتاي ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك 'ئىسيان باستۇرۇش' مانېۋىرى ئېلىپ باردى

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك "ئىسياننى باستۇرۇش" مانېۋىرى ئېلىپ بېرىپ، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە باستۇرۇدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. مانېۋىر 2009‏ - يىلى 7‏ - ئايدا يۈز بەرگەن "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە نەق بىر يىل توشاي، دەپ قالغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مانېۋىرغا ساقچى، ئامانلىقنى قوغدىغۇچى، ئالاھىدە قىسىم ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان. مانېۋىرچىلار كالتەك - توقماق، سۇ چېچىش ئەسۋابى، ئاپشاركا، يىراقتىن قارىغا ئېلىش قوراللىرى ۋە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ساقچى ۋە ئىسياننى باستۇرۇشنى قىسىملار نامايىش ۋە ئىسياننى قانداق باستۇرۇشنى مەشق قىلغان.

جوڭگۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ساقچى ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر مانېۋىرنى "ئۈرۈمچى ساقچى قىسىملىرىنىڭ جىددى ئەھۋاللارغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئومۇمى يۈزلۈك سىناقتۇر" دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 7‏ - ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ "شاۋگۈەن ۋەقەسى"گە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىنى باستۇرۇپ، نامايىشنىڭ ئۇيغۇر -خىتاي توقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە يول ئاچقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1700 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقى ۋە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت