خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

"شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" يېپىلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىدىن مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا "پارتىيە ئىسسىتىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى" كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدىن "شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ" "پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىستراتېگىيە ئۈستۈنلۈكى" بىلەن تولۇق تونۇپ يېتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا، تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: "مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار كۆرسەتكەن ھەر تۈرلۈك مۇھىم بەلگىلىمە، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەريانىدا مەبلەغ سېلىشى تۈرلىرىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش."

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ چىرىكلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت