خىتاي تور بەتلىرىدە دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىنغان

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بەتلىرىدە دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىنغان بىر ئوبزور بېسىلغان بولۇپ، ئوبزدار دالاي لاما «ناتسىستلار غا ئوخشاش مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر ئوبزور ئالدى بىلەن تىبەتتە چىقىدىغان تىبەت ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان بولسا، كېيىن خىتاينىڭ شىنخۇا تورىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

ھازىرغا كەلگۈچە 30 غا يېقىن تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ،خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تىبەت يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك بۇرىغان.

يۇقىرىقى ئوبزوردا دالاي لامانىڭ تىبەت راھىبلىرىنى ئۆزىگە ئوت قويۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ۋە ناتسىستلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى تەرغىب قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دىكى چوياڭ خىتاينىڭ دالاي لاماغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى يەنە ئۆزگەرتكەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دالاي لامانى «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان چىلبۆرە» ۋە «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت