چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ۋەھىمە كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «خەلقئارا ۋەزىيەتكە نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 21-ماي دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ۋەھىمە» ناملىق ماقالە بېسىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ماقالىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدىكى ۋەزىيەت بىلەن 1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدىكى ۋەزىيەت سېلىشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئەۋلاد خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئارىسىدا ھالاكەتكە يۈزلىنىشتىن ئەنسىرەش ۋەھىمىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىپ، چىرىكلىكنىڭ يامرىشى، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشى، كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەم مال-مۈلۈكلىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكىشى قاتارلىقلار، بولۇپمۇ بۇ يىل 2-ئايدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ئەمەلدارى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى،بۆ شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى ھەم چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا دائىر سەتچىلىكلەرنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىشى قاتارلىقلار مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئىچىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 21-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە،بۆ شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭدىكى ما شاۋلى، رېن شاۋلىن، سۇي ۋۇنەن قاتارلىق 3 نەپەر پېنسىيىگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە يېزىپ، بۇ يىل ئېچىلىدىغان 18-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بۇ ئەمەلدارلار توردا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە «ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى چىرىكلىك ھەم پارىخورلۇقنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلمىغاندا، كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت