خىتاي خاككېرلىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئىنتېرنېت شىركىتىگە ھۇجۇم قىلدى

ئاۋسترالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۇچۇر - ئالاقە شىركىتى بولغان "ئوپتىس شىركىتى" قارمىقىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ تور سىستېمىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوپتىس شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خاككىرلىق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن سىستېما بىر مەزگىل ئىشتىن توختاپ قالغان بولۇپ، خىـتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇمىنىڭ خاراكتىرى "سىستېمىدا توسالغۇ پەيدا قىلىش" ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوپتىس شىركىتىنىڭ باياناتچىسى تارماق شىركىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما تىجارەتتىكى مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن بۇ شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاۋسترالىيىدىكى بەزى مەتبۇئاتلار بۇ شىركەتنىڭ بىر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ گوگۇل شىركىتى ۋە ياخۇ شىركەتلىرىمۇ خىتايدىن كەلگەن خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغان. گوگۇل شىركىتى بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشقان تەقدىردە خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئوپتىس شىركىتى ئاۋسترالىيىنىڭ 2 - چوڭ ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچى شىركىتى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت