ئۇيغۇر ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى 'پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى' سەنئەت نومۇرى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغان بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى پروگراممىسىغا ئۇيغۇر ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى " پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى" دېگەن لەپەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىتاينىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاپ، مەزكۇر لەپەر "بىر نومۇسسىز تەشۋىقات" دەپ ئەيىبلەندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"شىنجاڭ" ناخشا ‏ - ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى بۇ لەپەردە، خىتاينىڭ مىللىي ۋە دېھقانلار سىياسىتى مەدھىيىلىنىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېيىپ كەتكەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

خىتاي تور بەتلىرىدىكى بەس - مۇنازىرىلەردە، مەزكۇر سەنئەت نومۇرى ھەددىدىن زىيادە "تېتىقسىز"، مەزمۇنى پۈتۈنلەي "ساختا" دەپ ئەيىبلەنگەن. بېيجىڭدىكى خىتاي يازغۇچى يۈي جيې رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بۇ سەنئەت نومۇرى كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقات ئۇسۇلىنىڭ قانچىلىك نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. شىنجاڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنماي يەنىلا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنماقتا" دېگەن.

يەنە بىر خىتاي پۇقراسى مەزكۇر سەنئەت نومۇرىغا باھا بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقى، 5 ئايدىن بېرى خەلقئارالىق تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى، مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، رايوندا شۇنچىلىك زور ۋەقە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، "لېكىن رايوندىكى پۈتۈن خەۋەرلەردە ۋەزىيەتنى ياخشى كۆرسىتىپ، پۇقرالار ھېچ قانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغاندەك تەسۋىرلىمەكتە" دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت