سەنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن تەيۋەن پاراخوتى ياپون چارلىغۇچىلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا سەنكاكۇ ئارىلى جېدىلى قايتا سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەنمۇ دىپلوماتىك ۋە ئاممىۋى تەشكىلات قاناتلىرى ئارقىلىق سەنكاكۇ ئارىلىغا بولغان ئىگىدارچىلىق تەلىپىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈنۈگۈن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سەنكاكۇ ئارىلى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە 100 گە يېقىن تەيۋەنلىك ياپونىيىنىڭ تەيبېيدىكى غەيرىي رەسمىي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

 بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، بەش كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بىر بېلىقچى پاراخوتىغا چىقىپ، بىر تۈركۈم تەيۋەن دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە، سەنكاكۇ ئارىلىغا يۈرۈش قىلغان. تەيۋەن بېلىقچى پاراخوتى سەنكاكۇغا يېقىنلاشقاندا، ياپون چارلىغۇچى پاراخوتى ئۇلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. نەتىجىدە تەيۋەن پاراخوتى سەنكاكۇ ئارىلىغا كىرەلمىگەن.

ئارقىسىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان تەيۋەنلىك بېلىقچىلار ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنىڭ ياپون چارلىغۇچىلىرىغا تەڭ كېلەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئارقىسىغا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەننىڭ دېڭىز چارلىغۇچى قىسىملىرى بولسا، ئۆز مەقسىتىنىڭ پەقەت ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا سەنكاكۇ ئارىلىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ قېتىملىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، ياپونىيە تەرەپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي بېلىقچى پاراخوت كاپىتانىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تۈنۈگۈن، ئۆتكەن ھەپتە تۇتۇۋېلىنغان خىتاي بېلىقچى پاراخوتىدىكى 13 كىشىنى قويۇپ بەرگەن، بىراق پاراخوتنىڭ كاپىتانىنى تېخىچە قويۇپ بەرمىگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، قانۇنىي تەرتىپ بويىچە، خىتاي كاپىتان، ياپونىيىدە 19 ‏- سېنتەبىرگە قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت