خەينەنداۋدا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى چاناش ۋەقەسى يۈز بەردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 5‏ - ئاينىڭ 19‏ - كۈنى كېچىدە، 5 ئەر خەينەن پەن - تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ، قولىدىكى قىڭراقلار بىلەن 13 ئوقۇغۇچىنى چاناپ يارىلاندۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەمئىيەتتىكى 10 نەچچە لۈكچەك توپلىنىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئىشىكىنى ۋە بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئوغۇللار ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ جىنايەت سادىر قىلغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا 60 كۈندىن بۇيان بالىلار باغچىسىدىكى، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوق ئۆسمۈرلەرنى چانايدىغان ۋەقەلەر ئاز دېگەندە 7 قېتىم يۈز بەردى، بۇ ھازىر جەمئىيەتتە قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا.
 
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت