خىتايدا چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى 11 نەپەرگە يەتتى

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى خىتايدا بايقالغان چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارىنىڭ 11 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ 25 - ماي دۈشەنبە كۈنى يېڭىدىن بايقالغان ئىككى نەپەر يۇقۇمدارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر خەۋەرنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە ۋە يەنە بىرى شاڭخەيدە بايقالغان.

رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدا يەنە، 24 - ماي يەكشەنبە كۈنىمۇ ئىككى نەپەر چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى بايقالغان. H1N1 تىپلىق چوشقا زۇكىمى 43 دۆلەتتە تارىلىپ 1200 دىن كۆپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 86 ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ئىدى.

خىتايدا بايقالغان چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارلىرى خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىدىن بولۇپ، تۇنجىسى 12 - ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بايقالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت