خىتاي ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما تەسىس قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى خىتاي مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان " ھاياتلىق دىئالوگى" نامىدىكى رادىئو پروگراممىسىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بويىچە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان مەزكۇر رادىئو پروگراممىسىغا خىتاي مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كەسپىي رىياسەتچىلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىش بېكىتىلگەن بولۇپ، 16-يانۋاردىن ئېتىبارەن ھەر شەنبە كۈنى تارقىتىشنى باشلايدىكەن. پەرەز بويىچە بۇ پروگراممىنىڭ ئاڭلىتىش دائىرىسى 60 شەھەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىليون ئەتراپىدا بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتىلغان كەمسىتىشلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن بېسىۋاتقان ئىجابىي قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ياخشى ئېلىنمىغانلىقى ھەمدە بۇ ساھەدىكى تەشۋىقاتنىڭ ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت