خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن بالىلار يەنىلا داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ياشىماقتا

خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز بىمارلىرىنى بىكارغا داۋالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن بالىلار نامراتلىق سەۋەبىدىن يەنىلا داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ياشىماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باش شتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان ئەيدىز جەمئىيىتى - ئاسىيانى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي بەزى ئائىلىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى داۋالاش مېخانىزىمى بارلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەن.

"ئاسىيانى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى" دىرېكتورى سارا داۋىس، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزنى تىزگىنلەش جەھەتتە بەزى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا يەنە نۇرغۇن بالىلارنىڭ خاتا داۋالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 10 مىڭغا يېقىن بالا ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولى بىلەن يۇقۇملانغان.

ئۇيغۇر ئېلىمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېلىدە 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 25 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچە نەپەر بالىنىڭ بارلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت