ئەيدىز كېسىلى ھازىر خىتايدا ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلاندى

خىتايدا ئەيدىزلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ھارماي - تالماي كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر دوختور گاۋ ياۋجېنىڭ ب ب س غا بايان قىلىشىچە، ئەيدىز كېسىلى ھازىر خىتايدا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقان ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا ئەيدىزنىڭ باشقىلارغا يۇقتۇرۇلۇشىغا، ھازىر يەنىلا جىنسى ئالاقە قالايمىقانچىلىقى ۋە قان سېتىپ جان باقىدىغان نامراتلىق ھادىسىلىرى سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تېخىچە ئەيدىزنى داۋالاش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش جەھەتتىكى چوڭ پىلانى ئەمەس، ھەتتا ئەقەللىسى، ھازىرقى ئەيدىز ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ مەسىلىسى جەھەتتىمۇ بىر ئەمىلى تەدبىرى يوق.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر ئەيدىز بېمارلىرىنىڭ سانى 107 مىڭ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 326 مىڭ. بۇلاردىن بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا ئۆلگىنى 54 مىڭ. ئۆزىدىكى ئەيدىز ئالامەتلىرىنى تېخىچە تەكشۈرتمىگەن ياكى يۇشۇرۇۋاتقان ئادەم سانى ئېلان قىلىنغان يۇقۇملانغانلار سانىدىن كۆپ.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 2005‏ - يىلىدىن كېيىن ئەيدىزنىڭ يۇقتۇرۇلۇش نىسبىتى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2009 ‏ - يىلدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 2008‏ - يىلىدىكىدىن 31% كۆپەيگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت