خىتايدا ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان يەنە يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلدى

خىتايدا ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان يەنە يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىچۈئەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە تورغا كىرىشتە يېڭى كىملىك كارتىسىنى ئىشلىتىش يولغا قويۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېڭدۇ شەھىرىگە جايلاشقان بىر تورخانا خادىمى: "سىزدە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك كارتىسى بولۇشى ھەمدە بۇ كارتا ئۆزىڭىزنىڭ بولۇشى كېرەك" دېگەن.

يەرلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل تۈزۈم خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسىدە بۇ يىل ئىيۇلدىن سېنتەبىرگىچە يولغا قويۇلىدىكەن. ئەگەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ كىملىكىنى ئىشلەتكەنلەر بولسا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى شىچۇئەن ئۆلكىلىك ئىنتېرنېت باشقۇرۇش ئىشخانىسى خادىمى لىئى يوڭلوڭ دەلىللىگەن.

بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇزۇنغا قالماي يولغا قويۇلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇ ھەقتە ئوز پىكرىنى بايان قىلغان سىچۈەندىكى يازغۇچى رېن يۈنفېي، بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىشقا قارىتا يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى قاتتىق يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. خىتاي دائىرلىرى يەنە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىپ ۋە 10 ئايدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت