خىتاي ئىنتېرنېت كونترولىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاق تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنەتەرنەتنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئامىلى دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە يىلدىن بېرى، ئىنتەرنەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار يېڭى تۈزۈملەرنى بەلگىلىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل يازدا خىتاي "گىرىن دام" يەنى يېشىل توسما دەپ  ئاتالغان يۇمشاق دېتالنى ھەر بىر كومپىتۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت خالىمىغان تورلارنىڭ كۆرۈلۈشىنى چەكلىگەن ئىدى؛ ئەمما بۇ تۈزۈم خىتاي ئىچى- سىرتىدا زور قارشلىققا دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىسمەن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇچۇر - سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئاق تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يەنى خىتايدا ئېچىلىشى كېرەك بولغان ھەرقانداق بىر توربەت چوقۇم، تىزىملىتىلىشى كېرەك؛ بۇ ئاق تىزىملىكتىكى توربەتلەرلا خىتايدا كۆرۈلۈشتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. تىزىملىتىلمىغان ھەرقانداق تور بەتنىڭ ئېچىلىشى تېخنىكىۋى جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئاق تىزىملىك تۈزۈمىدە چەتئەل توربەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىنمىغان.

خىتاي بۇ قېتىمقى ئاق تىزىملىك تۈزۈمىدە، ئاساسلىق شەھۋانىي ۋە پايدىسىز ئۇچۇرلارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ تۇزۇمنىڭ ھەممىدىن بەك كۆپلىگەن ئىلمىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا يېتىپ بېرىشىنى توسۇپ قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھازىرغا قەدەر خىتاي يوتۇب، تۋىتتېر، فېسبۇك قاتارلىق تورلارنى چەكلىگەن. ئۇيغۇر رايونىدا بولسا 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئىنتېرنېت ۋە خەلقارا تېلېفون تامامەن كېسىۋېتىكلىك. بۇ قېتىمقى يېڭى تۈزۈم ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. ئەمما بۇ خىتايدىكى تىجارىي ئىشلارغىمۇ توسالغۇ پەيدا قىلىدىغىنى ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت