خىتايدا تورخانىغا كىرىش بارغانچە قىيىنلاشتۇرۇلماقتا

بۈگۈن خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۇچۇن بەرگەن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ سۈرۈكى توشقان بولۇپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدا تورخانىغا كىرىش بارغانچە قىيىنلاشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تايمىس گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تورخانىغا كىرمەكچى بولغانلارنىڭ رەسىمىنى تارتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورخانىلىرىنى باشقۇرۇشتا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدىكى بارلىق ئىنتېرنېت تورخانىلىرىدا چوقۇم تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رەسىمىنى ئالىدىغان ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت يەنە بارلىق تورغا كىرگۈچىلەر 18 ياشتىن يۇقىرى بولۇش بەلگىلەنگەن.

خەۋەردە جۇڭگو گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 72 پىرسەنت ئادەم يېڭىدىن بەلگىلىگەن مەزكۇر قائىدىنى ئۆز شەخسىيىتىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى‏ - تەرز قىلغانلىق دەپ قارىغان بولسا، 26 پىرسەنت ئادەم بۇ بالىلارنى قوغداشتا ئېلىنغان ياخشى تەدبىر ئىكەن دەپ قۇۋۋەتلىگەن.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئۈچۈن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن خىتايدا ئەركىن خەۋەر قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە ماس ھالدا نۆۋەتتە خىتايدا خەۋەر بېرىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ھەر جەھەتتىن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئالدى ‏ - كەينىدە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئەركىن ئاخبارات بېرىش مۇھىتى يارىتىش ھەمدە خىتاي ئىچىدە ئاخباراتنى كەڭ قويۇۋېتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۆتكەن يىلى يانۋاردىن ھازىرغىچە 335 قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

خەۋەر كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى ئاپرېلدىن سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 18 مىڭ تور بېتى ۋە ئىنتېرنېت بلوگ بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئولىمپىك ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماسلىق سەتچىلىكى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەرغىب قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت