خىتايدا بۈگۈن يەنە 3 شەھەردە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ۋە يول توسۇش ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ 80 نەپەر دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىسى، زاۋۇت ئالدىدا نامايىش قىلىپ، زاۋۇتنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى لوزۇنكىدا: "ياشلىقىمىزنى پارتىيىگە ئاتىدۇق، ياشانغاندا بېقىشسىز قالدۇق" دېگەن خەتلەر يېزىلغان. نامايىشچىلارنىڭ سۈرەت ئاپپاراتلىرى زاۋۇت قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ ئوتتۇرىدا ماجرا چىققان.

بۈگۈن خاربىن شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ 100 دىن ئارتۇق دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىسى نامايىش قىلىپ، تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يول توسۇش ۋە قاتناشقا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنغان. بۈگۈن يەنە گۇاڭجۇدىكى ماشىنا سايمانلىرى زاۋۇتىنىڭ 1100 ئەتراپىدىكى ئىشچىسى ئىش تاشلىغان، بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى چەتئەل زاۋۇت-فابىرىكىلىرىدا يۈز بەرگەن بولسا؛ بۇ قېتىمقىسى بولسا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىدا يۈز بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت