خىتاي بۈگۈن بېيجىڭدا يۈز بەرگەن نامايىشقا 'يۇمشاق مۇئامىلە' قىلدى

بۈگۈن بېيجىڭدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشتىن بوشۇتۇلغان بىر نەچچە مىڭ بانكا خىزمەتچىسى نامايىش قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىشچىلار خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جاباۋنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ 'بىزگە ئاش - نان كېرەك'، 'بىزگە خىزمەت كېرەك' دېگەن شۇئارلانى توۋلاپ ماڭغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇلار 'سودا - سانائەت بانكىسىدا بىر خىزمەتچىنى ئىشتىن قالدۇرسا، بانكا باشلىقى 50 مىڭ يۇەن مۇكاپات ئېلىۋاتىدۇ' دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈۋالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ئەۋەتىپ بۇ نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ئەمما 'ناھايىتى يۇمشاق مۇئامىلە' قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت