جىلىن ئۆلكىسىدە نامايىش قىلغان ئىشچىلار جەنلوڭ پولات شىركىتىنىڭ مۇدىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى

ئاۋسترىيىدىكى ORF تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جىلىندىكى توڭخۇا پولات زاۋۇتىدا غەزەبلەنگەن نامايىشچىلار، بۇ زاۋۇتنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يىلىغا 3 مىليون يۇەن مائاش ئېلىپ تۇرۇۋاتقان باش شىركەت مۇدىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىلىن ئۆلكىسىدىكى توڭخۇا پولات زاۋۇتىنى بۇلتۇر بېيجىڭنىڭ جەنلوڭ پولات شىركىتى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ پېنسىيە پۇلى ئاران 200 يۇەنگە چۈشۈپ قالغان. ئىشچىلار بۇ زاۋۇتتا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئەرز قىلىپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، ئاخىر تۈنۈگۈن كەڭ كۈلەملىك ناميىش يۈز بەرگەن.
 
خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن نامايىشيا 30 مىڭ ئىشچى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن تۇقۇنۇشقان. ۋەقەدە نامايىشچىلاردىن ۋە ساقچىلاردىن بولۇپ بىر نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، شۇنداقلا، بۇ ۋەقەنىڭ خارەكتىرى توغرىسىدىمۇ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت