خىتاينىڭ كۈنمىڭ ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ۋە 23 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرى ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى. بۇ خىتايدا بۇ ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى نارازىلىق نامايىشلىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2009-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"خىتاي گېزىتى" خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كۈنمىڭ شەھىرىدىكى نامايىش، مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان لوشەن بازىرىنىڭ تاقىلىشىغا قارشى شەنبە كۈنى باشلانغان. بازارنىڭ 30 - نويابىر تاقىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغاندىن كېيىن، 1000غا يېقىن ئادەم قوزغىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ بازارنى تاقاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار يوللارنى توسۇپ، نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلارغا خىش - كېسەكلەرنى ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ساقچىلارنى يارىلاندۇرغان. يىگىرمىدىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارغا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇش جىنايىتى ئارتىلغان.

گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى نامايىش، مەزكۇر شەھەرگە قۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا قارشى دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا 400 دەك كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلار گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار، ئەگەر ئەخلەت زاۋۇتى ئۆز مەھەللىسىگە قۇرۇلسا سالامەتلىككە زىيان سالغاندىن باشقا يەنە، ئوي بىساتلىرىنىڭ قىممىتىمۇ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت