بۈگۈن خۇبېيدا ئونمىڭلىغان شەھەر خەلقى ساقچىلار بىلەن تۇتۇشىۋاتىدۇ، بېيجىڭدىمۇ ...

بۈگۈن خۇبېي ئۆلكىىسنىڭ شىشۇ شەھىرىدە ئونمىڭلىغان شەھەر خەلقى ساقچىلار بىلەن تۇتۇشىۋاتىدۇ. دوۋېي تور بېتىدە نەخ مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇنىڭدا ساقچىلار ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرىلىرى بىلەن خەلققە سۇ چېچىۋاتقانلىقى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقانلىقى، شەھەر خەلقى، ھەتتا ئاياللار، قىز بالىلارمۇ ساقچىلارغا بوتولكا، خىش ئېتىپ قاتتىق ئېلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شەھەردىكى يوڭلوڭ قاۋاقخانىسى ئالدىغا تاشلانغان بىر جەسەتنى، ساقچىلار 'ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان' دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن بۇ جايغا توپلانغان شەھەر خەلقى، بۇ جەسەتنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ تۇغقىنى ۋە قاۋاقخانا خوجايى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئاشپەز، ئىكەنكلىكىنى بايقاپ، بۇ مەسىلىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇشقا ئىكەن.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ قاۋاقخانىدا، باسقۇنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن بىنادىن تاشلىۋىتىلگەن ئاياللارنى ساقچىلار 'ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى' دەپ جاكارلىغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىكەن. تۈنۈگۈنكى جەسەت ۋەقەسىدە بۇ جايغا توپلانغان ئادەم سانى 40 مىڭغا يەتكەن ئىكەن. بۈگۈن خۇبېي ئۆلكسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى نەخ مەيدانغا كېلىپ قوماندانلىق قىلغان. بۈگۈن يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى تۈنۈگۈنكىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق. شۇنداقلا يەنە، بۇ شەھەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە، كۇچىلارغا توساق قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. ئەمما ۋەقە بارغانسىرى چوڭايماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن بېيجىڭدىكى جەنۇبىي پويىز ستانسىسىدىمۇ مىڭلىغان ئادەم 'چىرىكەلەرنى يۇقۇتۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزايلى'، 'خىيانەتچىلەرنى يوقىتايلى' دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان، ساقچىلار كېلىپ ئادەم تۇتۇشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت