خېبېي ئالىي سوتى ليۇ جىخۇانىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۆلۈم ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلدى

خىتاي سوتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جىخۇاغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۆم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بېكىتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ 21 ‏ - يانۋار خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 18 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى خېڭشۇي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى ليۇ جىخۇانى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالدۇرۇشنى قارار قىلغان، بىراق ئۇنىڭغا ئائىت شەخسى مال ‏ - مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلمىغان ئىدى.

ليۇ جىخۇا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، خېبېي ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

ليۇ جىخۇا، 1999 ‏ - يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىنى تاكى 2006 ‏ - يىلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن دىلو تۇرغۇزۇلغانغا قەدەر ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ شەھەر قۇرۇلۇشى، دۆلەت زېمىن ۋە ئۆي باشقۇرۇش ئىشلىرى، تەنتەربىيە ساھەسى شۇنىڭدەك قاتناش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان.

ليۇ جىخۇا يەنە نەچچە يۈز مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان 2008 ‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، بىراق خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت