خىتاي ئەمەلدارلىرى قانۇنسىز 'تىقىۋالغان' 1.5 مىليارد دوللار ئەنگە ئېلىنمىغان پۇل بايقالغان

خىتايدا بۇ يىل ئىيۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەت جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردىكى ھوكەئۇمەت ئەمەلدارلىرى قانۇنسىز تىقىۋالغان 1.5 مىليارد دوللار يەنى 7 مىليارد يۈئەنگە يېقىن ئەنگە ئېلىنمىغان پۇل بايقالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھەرىكەت جەريانىدا 22 مىڭ چىرىكلىك دېلوسى پاش قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جامائەتكە تەۋە پۇلنى ئىگىلىۋالغان ئەھۋال كۆرۈنگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئېچىلغان بىر يىغىندا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىغان خىتاي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خې گوچاڭ چىرىكلىك مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىمۇ بارلىقى، شۇڭا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۆز قول ئاستىدىكى ئورگانلارغا مەسئۇل بولۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چېكىلىك مەسىلىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكى، ئەگەر خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتمىسە بۇ خىلىدىكى مەسىلەرنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت