خىتايدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ئامېرىكىغا قېچىپ كەلدى

خىتايدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋېن يەنخەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ۋېن يەنخەي بېيجىڭدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئۆزى بىلدۈرگەن. ۋېن يەنخەي بېيجىڭدىكى "ئەيجىشىڭ ئەيدىز جەمئىيىتى" نىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئەيدىز جەمئىيىتىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئاخىرى ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن قېچىپ چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ۋېن يەنخەي پەيشەنبە كۈنى خىتايدىن يولغا چىققان ۋە خوڭكوڭدا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ھازىر فىلادېلفىيە شتاتىدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ۋېن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا ۋە تەشكىلاتىمغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى بارغانچە كەسكىنلەشتۈردى. مەن ئۆز بىخەتەرلىكىمدىن بەك ئەنسىرەپ، ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالغان ئىدىم" دېگەن.

ۋېن يەنە مۇنداق دېگەن. " ئەگەر مەن خىتايدا بولسام ئۇلار ماڭا قەپەس ئىچىدىكى قۇشتەك مۇئامىلە قىلاتتى ۋە گېپىمىزنى ئاڭلىمىساڭ سېنى يەۋېتىمىز دەيتتى."

ۋېن يەنخەي ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلۈشىگە قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئىدى.

ۋېن يەنخەي كېيىن بېيجىڭدا "ئەيجىشىڭ ئەيدىز جەمئىيىتى" نى قۇرۇپ، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم قىلىشىنى باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت