خىتايدىكى ئىشسىزلار سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن خېلىلا كۆپ

خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى چەن كۋانشېڭ خىتايدىكى ئىشسىزلار سانىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساندىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نەتىجىسىدە خىتايدا 670 مىڭ كىچىك تىپتىكى كارخانا تاقالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىدا خىتايدىكى ئىشسىزلار سانى 8 مىليون 300 مىڭ كىشى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. لېكىن خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى چەن كۋانشېڭنىڭ خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي ئىشسىزلارنىڭ ھەقىقى سانى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەقەمدىن خىلىلا كۆپ ئىكەن. چۈنكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەقەم پەقەتلا شەھەرلەردە ئەنگە ئېلىنغان ئىشسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى بولۇپمۇ، ئۇنۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن كىشىلەر ۋە ئاققۇن ئىشچىلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى خىتايدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە دەپ كۆرسەتكەن چەن كۋانشىڭ شەھەرلەردە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4.9 پىرسەنتكە چىققانلىقىنى ۋە كېلەر يىلى خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان 6 مىليون يۈز مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تۆتتە بىرىنىڭ ئىش تېپىشىنىڭ قيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىشىدىن كېيىن، كۆپىنچىسى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە 6 مىليون 700 مىڭ خىتاي ئىشچىسى ئىشسىز قالغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت