'خىتايدىكى شەخسى كارخانىلار مۇخبىرلارنى زەربە بېرىش نىشانى قىلماقتا'

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ بىر قىسىم شەخسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە ھەتتا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم شەخسى كارخانىلار مەھسۇلاتلىرى، زاۋۇت - كارخانىلاردىكى چىرىكلىك، ساختىپەزلىككە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر يازغان مۇخبىرلارنى ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان. ئىستېمالچى خەلققە پايدىلىق ئەمما، كارخانىچىلارغا زىيانلىق خەۋەر يازغان بۇ مۇخبىرلار كارخانا ئىگىلىرىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان. ئۇلار ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە يەرلەردە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەتتا ئۆلۈم خەۋىپىگىمۇ يولۇققان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جىددىي تەدبىر ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى بەدىلىگە بۇ كارخانىلار ھەققىدە خەۋەر يېزىۋاتقان مۇخبىرلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز،" دەيدۇ.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ كارخانىلار شۇ يەردىكى ساقچى ۋە بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىمۇ سېتىۋالغان بولۇپ، كارخانا ۋە مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە مەنپىي خەۋەرلەرنىڭ بېرىلىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە ۋە شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى تەھدىت قىلماقتا ئىكەن.

تەشكىلات دوكلاتىدا خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ خىتايدىكى شەخسى زاۋۇت - كارخانىلار تەرىپىدىنمۇ ئاياق - ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت