جۇاڭ مىللىتى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىزلەشكە باشلىدى

گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىدا تۈنۈگۈن، گەنجۇاڭ تېغىغا كەلگەن ۋە ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقانلار جۇاڭلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇاڭلارنىڭ ئەجدادى پەيدا بولغان ئىلاھى تاغ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تاغدا، جۇاڭ پىشقەدەملىرىدىن 75 ياشلىق بىر بوۋاي، ئەمدى بۇ تاغقا كېلىپ ئەجدادىڭنى تاپمىساڭ، ئۆزەڭنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلمەيسەن' دېگەن تەشەببۇسىنى جۇاڭ تىلىدا ناخشا بىلەن ئىپادىلەپ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.

تارىخىي رىۋايەتلەردە، جۇاڭ خەلقىنىڭ ئەجدادى 'بۇلوتو' مۇشۇ تاغدا پەيدا بولغان، جۇاڭ مەدەنىيىتىمۇ مۇشۇ تاغدىن ناخشا بىلەن تارالغان، دېيىلەتتى. شىنخۇا ئاگېنلىقىنىڭ نەننىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، جۇاڭلار تۈنۈگۈن گەنجۇاڭ تېغىدا ئۆتكۈزگەن باھار تەنتەنىسىنىڭ ھەر يىلدىكىدىن ئۆزگىچە بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھازىر 19 مىليون جۇاڭ خەلقى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئەجدادىنى ئىزلەشكە باشلىدى، دەپ يېڭى ئۇچۇر يوللىدى.

تولۇق بەت