يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى

1989 - يىلىدىكى تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى مەزمۇن قىلغان شوئار - لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرگەن 4000 دىن ئارتۇق ئادەم يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىغا توپلىنىپ، كوچا بويلاپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن خوڭكوڭ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

بۇ يىل تىئانانمەن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دېموكراتلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت